5– ئاينىڭ 31– كۈنى 23– قېتىملىق «دۇنيا تاماكا تاشلاش كۈنى» بولۇپ، بۇ يىلقى ئاساسىي تىما بولسا: «جىنىس پەرقى ۋە تاماكا» بولۇپ، تاماكىنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت بولۇپ قالدى. مۇناسىۋەتلىك تىببىي تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىش يۈرەك– مىگە قان– تومۇر كېسەللىكى، راك كېسىلى، ئاستا خاراكتىرلىك توسۇلۇپ قالىدىغان ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىدىن كىيىنلا تۇرىدىغان جاننى ئالىدىغان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىۋىتىدىكەن، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشى ئۈچۈن قولىڭىزدىكى تاماكىنى تاشلاڭ