مۇشۇ يېقىندا توردا « 5 ياشلىق قىز باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ قازا قىلدى » دېگەن خەۋەر تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە كۈندىن كېيىن، مۇخبىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، قىزنىڭ بىر تۇغقىنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ۋەقە 5-ئىيۇل يۈز بەرگەن بولۇپ، جىياڭسۇ يەنچېڭدا دۇكان ئاچىدىغان بۇ ئايال تەتىل مەزگىلى بولغانلىقتىن 8 ياشلىق ئوغلى بىلەن 5 ياشلىق قىزىنى قارايدىغان ئادەم يوق، دەپ دۇكانغا بىللە ئىلىپ كېلىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىلار بۇرۇندىن بۇ سودا-سارايغا كىلىپ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئوينايدىغان بولۇپ، سودا-ساراينىڭ ئىچى-تېشىغا پىششىق ئىكەن. 5-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئايالنىڭ 8 ياشلىق ئوغلى دۇكاننى تاقايدىغان چاغدا ئۆزى يالغۇز كەلگەن بولۇپ، سىڭلىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى، ئۇنى تېخى بالدۇرلا يېنىپ كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغانلىقىنى ئېيتقان.

قىزنىڭ ئانىسى دۇكان ئىچىنى ئىز دەپ بالىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، 110 غا تېلىفون قىلغان. ساقچىلار كىلىپ قىزنى بىر كېچە ئىزدىگەن. 6-ئىيۇل ئەتىگەندە، بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى ئۆزىنىڭ مەيداننىڭ يېنىدىكى تورخانىنىڭ بېقىنىدا بىر غەلىتە نەرسىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بېرىپ تەكشۈرسە، ئالدىنقى كۈنى يوقاپ كەتكەن 5 ياشلىق قىزنىڭ جەسىتى بولۇپ چىققان.
قىزنىڭ چىرايىدا قان دىدارى يوق بولۇپ، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خىل ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قاتىللىق دىلوسىغا ساقچىلارمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلىشىچە، قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ، 1987-يىلى تۇغۇلغان، ئوڭ پۇتى ۋە ئوڭ مۈرىسى مېيىپ بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۇ يوقاپ كەتكەن. 11-ئىيۇل، ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ساقچىلار جىنايەت ئۆتكۈزۈش مومكىنچىلىكى بار جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش باسقۇچىدا ئىكەن.
جىنايەت گۇماندارىنىڭ سۆرىتى